مەلۇم بولۇشىچە، مىسىر ھۆكۈمىتى سىناي يېرىم ئارىلىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلارغا قارشى ئۇرۇش جەريانىدا ئارمىيەنىڭ مەكتەپلەرنى ھەربىي بازا قىلىپ ئىشلىتىشىگە يول قويغان.
سىناي كىشىلىك ھوقۇق فوندى (SFHR) سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەت ، رايوندىكى كۆرۈنۈشلەر ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىدىن پايدىلىنىپ ، مىسىر ئارمىيىسىنىڭ قوراللىق گۇرۇپپىلارغا قارشى ئۇرۇشتا مەكتەپلەرنى ئىگىلىۋالغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ بازىسى سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
SFHR نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ئەھمەد سالىم مۇنداق دېدى: سىنادىكى بىنالار ئادەتتە بىر قەۋەتلىك بولغاچقا ، مەرگەنلەرنىڭ ئۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى پايدىسىز ، بۇ مسىىر ئارمىيىسىنىڭ 2-3 قەۋەتلىك مەكتەپلەرنى بازا قىلىپ ئىشلىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
فوندىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، مىسىر ئارمىيىسى سىنايدىكى 37 مەكتەپنى مۇسادىرە قىلغان ۋە ئۇلارنى ھەربىي بازىغا ئايلاندۇرغان.
نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار مىسىر ئارمىيىسىنىڭ مەكتەپلەرنى ئىشغال قىلىشى نەتىجىسىدە مائارىپتىن مەھرۇم قىلىنغان دەپ قارالماقتا.