روسىيەنىڭ يېڭىلانغان تاشقى سىياسەت ئۇقۇمىدا ، ئامېرىكا «بىخەتەرلىك خەۋىپىنىڭ مەنبەسى» دەپ بېكىتى
كرېمىل سارىيى باياناتىغا قارىغاندا ، روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن دۆلىتىنىڭ يېڭىلانغان تاشقى سىياسەت ئۇقۇمىنى تەستىقلىغان.
روسىيەنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش قەدەم باسقۇچلىرى ئېلان قىلىنغان بۇ ئۇقۇمدا ، روسىيەنىڭ خىتاي ، ھىندىستان ۋە باشقا «دوستانە» دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
تۈركىيە ، ئىران ، سەئۇدى ئەرەبىستان ، مىسىر ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ، روسىيەنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىل بولۇشقا ئۇرۇنۇشىنى قوللايدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
بۇ ئۇقۇمدا ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ روسىيەگە قارشى «تاجاۋۇزچىلىق» سىياسىتى قوللانغانلىقىنى ۋە بۇنى ئامېرىكا كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ، روسىيەنىڭ بۇ دائىرىدە ئۆزىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى ئىزچىل قوغدايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.