رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن رۇسىيەدە تۇتقۇن قىلىنغان ئامېرىكالىق ژۇرنالىست ئۈستىدە ئۈستىدە كۆرۈشتى.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن رۇسىيەدە جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان ئامېرىكالىق ژۇرنالىست توغرىسىدا كۆرۈشتى.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن، لاۋروۋ-بلىنكېن ئوتتۇرىسىدا تېلېفون سۆھبىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.بلىنكېننىڭ ئامېرىكالىق ژۇرنالىست ئېۋان گېرسكوۋىچنىڭ جاسۇسلۇق قىلىش گۇمانى بىلەن رۇسىيەدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى كۈنتەرتىپكە قويغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «بلىنكېنغا، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئورگانلىرىنىڭ قانۇن ۋە خەلقئارالىق قانۇن بويىچە چىقارغان قارارلارغا ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلىگەندى. ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ بېسىم ۋە غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ دېلوغا سىياسىي ئاتموسفېرا قېتىشنى نىيەت قىلىپ ۋاراڭ-چۇرۇڭ چىقىرىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى» دېيىلدى.لاۋروۋنىڭ ئامېرىكالىق ژۇرنالىست گېرسكوۋىچنىڭ ژۇرنالىستلىق نىقابى بىلەن دۆلەت مەخپىيەتلىكى ھېسابلىنىدىغان مەلۇماتلارنى قولغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقاندا تۇتۇلغانلىقىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ژۇرنالىستنىڭ تەقدىرىنىڭ سوتتا بەلگىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.