سەئۇدى ئەرەبىستان بەششار ئەسەد بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ھەرىكەت قوللانماقتا.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا ، رىياد ھۆكۈمىتى بەششار ئەسەدنى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئەرەب بىرلەشمىسى باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلىدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھزادە فايسال بىن فېرخان دەمەشىقتە زىيارەتتە بولۇپ ، كەلگۈسى مەزگىلدە بەششار ئەسەدكە رەسمىي تەكلىپنامە سۇنماقچى بولغان.
مەنبەلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ زىيارەت ئەسلىدە پىلانلانغان ، ئەمما تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن.
بەششار ئەسەدنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشى يەنە 2011-يىلدىن باشلاپ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە يۈرگۈزۈلگەن رايون خارەكتىرلىك جازانىڭ رەسمىي ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.