روسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئالېكساندېر گرۇشكو، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرگەن فىنلاندىيەگە قارشى غەرب ۋە غەربىي شىمال چېگرا رايونلىرىدىكى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
روسىيە فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغانلىقىغا جاۋابەن ، فىنلاندىيە چېگراسىدىكى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
روسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئالېكساندېر گرۇشكو 3- چىسلا فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇشىغا قارىتا ، دۆلىتىنىڭ غەربىي ۋە غەربىي شىمال چېگرا رايونلىرىدىكى ھەربىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
گرۇشكو مۇنداق دېدى: ئەگەر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر ھەربىي كۈچى ۋە مۈلكىنى فېلاندىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلسا ، بىز رۇسىيەنىڭ تولۇق ھەربىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قوشۇمچە تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز. دېدى.
فىنلاندىيە چېگرا بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن بولغان چېگراسىدا 200 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تام سېلىشقا باشلىغان.