سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فېرخاننىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئىرانلىق مەنسەپدىشى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئىران خەۋەر ئاگېنتلىقى نامەلۇم بىر ئىران ئەمەلدارىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھيان پەيشەنبە كۈنى بىن فېرخان بىلەن خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا كۆرۈشىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىران يېقىندا خىتاينىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. دىپلوماتىك ئالاقە ئارقىلىق تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
«ئىران پرېزىدېنتى سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلىدۇ»
ئىران پرېزىدېنتى ئىبراھىم رېيسىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
مۇئاۋىن پرېزىدېنت مۇھەممەد مۇخبىر سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇلئەزىزنىڭ رىيادقا تەكلىپنامىسىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن قاچان سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالمىدى.