ئاسىياباشبەتتەۋسىيەخەلقئارا خەۋەرلەرياۋروپا

فىنلاندىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا رەسمىي قوشۇلدى

تۈركىيەنىڭ تەستىقىدىن كېيىن كاندىداتلىق مۇساپىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان فىنلاندىيە رەسمىي ھالدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولدى.

رەسمىيەتلەر تاماملانغاندىن كېيىن ، فىنلاندىيە بۇ ئىتتىپاقنىڭ 31-ئەزاسىغا ئايلاندى.

فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېككا ھاۋىستو قوشۇلۇش ھۆججىتىنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونىي بىللىنكېنغا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىريۇسسېلدىكى باش ئورگىنىدا يەتكۈزدى. شۇنداق قىلىپ، فىنلاندىيە رەسمىي ھالدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىردى.

روسىيە فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىغا قارشى ئىنكاس قايتۇردى ۋە بۇ ئەھۋالنى ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ تەسۋىرلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button