ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا قىلغان ھۇجۇمىدا نۇرغۇن پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ئەلقەسا مەسچىتىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا.
ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى 5-چسىلا كەچتە تاراۋى نامىزىدىن كېيىن مەسجىدى ئەقساغا قىلغان ھۇجۇمىدا، كىشىكەرگە كاۋچۇك ئوق ، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە كالتەك ئىشلەتكەن.
ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ئوق چىقارغاندا 14 ياشلىق بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
گەرچە ئۇلار ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ كۈچى بىلەن مەسچىتىدىن قوغلانغان بولسىمۇ ، ئەمما ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى يەنىلا پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.
نېمە ئىش بولدى؟
رادىكال يەھۇدىيلار پاسخا بايرىمى باھانىسى بىلەن مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىپ ، ئۇ يەردە قۇربانلىق قىلماقچى بولغان بولۇپ، پەلەستىنلىكلەر بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەقسا مەسچىتىگە يىغىلىشقان ئىدى.
بەزى پەلەستىنلىكلەر رامىزان ئېيى سەۋەبىدىن مەسچىتتە ئىتكافقا كىرگەن بولۇشىغا قارىماستىن، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى مەسچىتىگە بېسىپ كىرىپ ، پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلغان.