1.4K
ساقچىلارنىڭ بىخەتەرلىك خەۋىپى سەۋەبىدىن قۇرئاننى كۆيدۈرۈشنى خالايدىغان ئىككى كىشىگە يول قويۇلمىغانلىق قارارىنى شىۋىتسىيە مەمۇرىي سوت مەھكىمىسى ئورۇنسىز دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى،
2-ئايدا ، ئىراقتا تۇغۇلغان سالۋان مومىكا ئىراقنىڭ ستوكھولم ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا قۇرئاننى كۆيدۈرمەكچى، ئەسلى ئافرىقىلىق بولغان كىرىس ماكوندۇت قۇرئاننى تۈركىيەنىڭ ستوكھولمدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا كۆيدۈرمەكچى بولغان، ئەمما بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ساقچىلار بۇنىڭغا يول قويمىغان.
شىۋىتسىيە مەمۇرىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىدا «بىخەتەرلىك خەۋىپى ئەندىشىسى» نىڭ نامايىش ھوقۇقىنى چەكلەشكە يەتمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
سوتچى ئېۋا لوتتا خېدىن ئىسپات ئاڭلاشتىن كېيىن ئاخباراتقا قىلغان سۆزىدە ، ساقچىلارنىڭ چەكلەش قارارىنىڭ «يېتەرلىك ئۈنۈملۈك سەۋەبى يوق» دېدى.