ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلىنغان گولان ئېگىزلىكىگە ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن كېيىن، زەمبىرەك ۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلار بىلەن سۈرىيەنىڭ ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى بۇ ھۇجۇملارنى گولان ئېگىزلىكىگە قارىتىلغان ھۇجۇمغا جاۋاب قايتۇرغانلىق دېدى.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى (IDF) 9-چسلا ئەتىگەندە ئېلان قىلغان باياناتىدا ، شەنبەدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە بولغان كېچىدە ئالتە راكېتا گولان ئېگىزلىكىگە چۈشكەن. باياناتتا ، بۇھۇجۇمغا جاۋابەن سۈرىيە ئارمىيىسىگە تەۋە مەكتەپ رايونى ، ھەربىي رادار سىستېمىسى ۋە زەمبىرەك ئورۇنلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلغان.
باياناتتا يەنە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ «يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە بەششار ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا ئۇرۇنۇشىغا يول قويمايدىغانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
سۈرىيەنىڭ رەسمىي بىر قىسمى بولغان گولان ئېگىزلىكى 1967-يىلى ئىسرائىلىيە ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇشتا ئىشغال قىلىنغان ، 1981-يىلى تېل ئاۋىۋ تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان. بۇ بىر تەرەپلىمە قوشۇۋېلىش خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ، ئامېرىكىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى پرېزىدېنتتى دونالد ترامپ چىقارغان پەرمان بىلەن 2019-يىلى ئىسرائىلىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلدى.