ئىران ئوخشىمىغان ئىككى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىنىڭ قايتا ئېچىلىشىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىران ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ ھەپتە سەئۇدى ئەرەبىستاندا بارىغانلىقى بىلىنمەكتە.
ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى IRNA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى پارس قولتۇقىنىڭ باش دىرېكتورى ئەلى رىزا ئېنايېتى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان تۇنجى مەسلىھەتنىڭ تاماملانغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئېنايتى ئىككى دىپلوماتىك ۋەزىپىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تاماملىغانلىقىنى ۋە بۇ ھەپتە سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىراننىڭ يېقىنلىشىشى يەمەندىكى ئۇرۇشقا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، سەئۇدى ۋەكللىرى يەمەنگە سۈلھى ئۈچۈن بارغان.
رېيتېر ئاگېنتلىقى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئومان سۇلتانلىقىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ساناغا كېلىپ، ھۇسىيلار بىلەن سۆھبەت باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.