1.5K
خىتاي تەيۋەن ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك مانېۋىرنى تاماملاپ بىر كۈندىن كېيىن ، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى باشلىدى.
تەخمىنەن 18000 ئەسكەر قاتناشقان «بالىتاكان» (مۈرىنى مۈرىگە) مانېۋىر جەنۇبىي دېڭىزدا باشلاندى.
مانېۋىر جەريانىدا ھەقىقىي ئوق-دورا ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
تىلغا ئېلىنغان مانېۋىر خىتاينىڭ تەيۋەننى قامال قىلىشنى تەقلىد قىلغان 3 كۈنلۈك مانېۋىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن باشلانغان.
بالىتاكان يەنە تەيۋەن بىلەن بولغان ئارىلىقى 300 كىلومىتىر كېلىدىغان ئارال رايونىغا ھەربىي تىك ئۇچارلارنىڭ قونۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مانېۋىر تۇنجى قېتىم پرېزىدېنت فېردىناند ماركوسنىڭ نازارىتىدە ئۆتكۈزۈلدى.