فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسى ئالدىدا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە قاتناشماسلىقى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرغا قۇيغان بولۇپ، بىريۇسسېلدا كەڭ تەسىر قوزغىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى سىياسىي ئوبزورچىلار، ماكروننىڭ بۇ يۆنىلىشتىكى باياناتىنىڭ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغانلىقىنى شەرھلىدى ، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا خىتاي تەيۋەن ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىۋاتاتتى.
خىتاي، تەيۋەن ۋە كورېيە مۇتەخەسسىسى، فرانسىيەلىك تەتقىقاتچى ئانتويېن بونداز ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدىكى يازمىسىدا ماكروننىڭ باياناتىنى «ئاپەت» دەپ شەرھلىدى ۋە فرانسىيە رەھبىرىنىڭ بۇ سۆزىنى «تولۇق تەھلىل خاتالىقى» دەپ تەنقىد قىلدى.
بونداز ماكروننىڭ تەيۋەن كرىزىسى يۈز بېرىۋاتقان بىر پەيىتتە فرانسىيەنىڭ بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىشى خىتاي ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ، گروننېن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پروفېسسورى داۋىد كادىئېر، گەرچە ماكروننىڭ بايانلىرىنىڭ ئۇسلۇبى ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى مەسىلە دەپ قارىغان بولسىمۇ ، ئەمما فرانسىيە رەھبىرىگە بولغان قاتتىق ئىنكاسلارغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
كادىئېر يەنە، ماكرون بۇ مەسىلىگە باشقىچە نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ ئامېرىكىنى تەنقىدلەش ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى ۋە «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتى ياكى قىممەت قارىشى باشقا مەنپەئەت بىر يەرگە كەلگەندە ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ۋە ئىستراتېگىيىسىنى ئىلگىرى بەلگىلىشى كېرەك» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى» دېدى.