گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى خىتايدىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا مەنسەپدىشى چىن گاڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ، تەيۋەن بوغۇزىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەربىي جىددىيلىكنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
گېرمانىيەنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى خىتاينىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ۋەكىلى دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان «بىر جۇڭگو» سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: « دۇنيا سودىسىنىڭ %50 ى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتىدۇ. “بۇ رايوندىكى جىددىيلىك پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋال بولىدۇ. بۇ يەردىكى مۇقىمسىزلىق گېرمانىيە ، ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ مەنپەئەتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.” دېدى.
بايېربوك خىتاينى كۈچ ئىشلىتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تالاش-تارتىشنى تىنچ ھەل قىلغىلى بولىدۇ. زوراۋانلىق ئارقىلىق ھازىرقى ھالەتنى بىر تەرەپلىمە ئۆزگەرتىشنى ياۋروپالىقلار قوبۇل قىلمايدۇ». دېدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تەيۋەن مەسىلىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ئارالدىكى مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان بۆلگۈنچىلەرنى قوللىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تەيۋەن بوغۇزىدا تىنچلىقنى خالايدىغانلار تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىغا قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك».