گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بورىس پىستورىيۇس بايانات ئېلان قىلىپ: «مەن پولشالىق شېرىكلىرىمىزگە سابىق شەرقىي گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىسكىلاتىدىن بەش دانە <MiG-29> تىپلىق ئايروپىلاننى بېرىش ۋەدىمىزنى ئۇقتۇرغىنىمدىن خۇشالمەن» دېدى.
پولشا پرېزىدېنتى ئاندرېجې دۇدا 5-ئاپرېلدىكى ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ ۋارشاۋا زىيارىتى جەريانىدا، دۆلەتتىكى بارلىق «MiG-29» تىپلىق ئايروپىلانلارنى ئۇكرائىناغا يەتكۈزىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
گېرمانىيە 2002-يىلى سابىق شەرقىي گېرمانىيە مىللىي خەلق ئارمىيەسىدىن ئۆتكۈزۈۋالغان 23 دانە «MiG-29» كۈرەشچى ئايروپىلانىنى پولشاغا ساتقان ئىدى.
گېرمانىيەدىن مىراس قالغان «MiG-29» ئايروپىلانلاردىن باشقا، پولشانىڭ ھەربىي ئىسكىلاتلىرىدىمۇ، سابىق سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلىرى ئىتتىپاقى ۋە سابىق چېخوسلوۋاكىيە تەرىپىدىن تەمىنلىگەن «MiG-29» تىپلىق ئايروپىلانلار بار.
سىلوۋېنىيە بۇنىڭدىن ئىلگىرى كىيېۋغا تۆت دانە «MiG-29» ئايروپىلانى يەتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.