ياۋروپا بىرلەشمىسى روسىيە ئارمىيىسىنى يېرىم ھەربىي كۈچ بىلەن تەمىنلەيدىغان ياللانما ئەسكەر شىركىتى ۋاگنېرغا جازا يۈرگۈزدى. ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باياناتىدا ، ۋاگنېرنىڭ روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدا ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلغان روسىيەنى ياللانما ئەسكەر بىلەن تەمىنلىگەن ۋاگنېر شىركىتى «ئۇرۇشقا ئاكتىپ قاتناشقان» دېگەن سەۋەب بىلەن ئىككىنچى قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
يېقىندا ئۇكرائىنانىڭ باخمۇت ۋە سولېدار ئولتۇراق رايونىنى ئىگىلىمەكچى بولغان روسىيە ئەسكەرلىرىگە رەھبەرلىك قىلغان ۋاگنېر شىركىتى 2-ئايدا ياۋروپادىكى «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش» ۋە ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرنى «مۇقىمسىزلاشتۇرۇش» سەۋەبىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.
ياۋروپا كېڭىشىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان باياناتىدا ، يېڭى جازا تىزىملىكىنىڭ ئالدىنقىسىنى تاماملىغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ ، ۋاگنېرنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە تەھدىد سالىدىغان ھەرىكەتلەر سەۋەبىدىن بۇ تىزىملىككە يەنە قوشۇلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.