ئامېرىكا «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپادىكى ھۇجۇملارنى پىلانلاشقا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى» نىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ئامېرىكا سۈرىيەنىڭ شىمالىدا «دائىش» قا قارشى ھاۋادىن ئەسكەر تاشلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئورگىنى (CENTCOM) ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا ، دائىش تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا نىشان قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ، بۇ ھەرىكەتتە ئىككى قوراللىق كىشىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى. قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ «دائىش» بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقى ئاشكارىلانمىدى.
يەرلىك مەنبەلەردە ئامېرىكىنىڭ ھاۋادىن ئەسكەر تاشلاش ھەرىكىتىنىڭ ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ جارابلۇس شەھىرىدىكى سۇۋايدا رايونىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
يەرلىك تەشۋىقات مەنبەلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تەۋە بىر تىك ئۇچار زەربىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بىر قانچە ئامېرىكا ئەسكىرى زەخمىلەنگەن.