رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گېرمانىيەنىڭ 30 نەپەر رۇسىيەلىك دىپلوماتىيە خادىمىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانلىقىغا قارىتا ئوخشاش شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇشنى قارار قىلدى.
روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «رۇسىيە گېرمانىيەنىڭ دۈشمەنلەرچە ھەرىكەتلىرىگە قارىتا، گېرمانىيە دىپلوماتلىرىنى رۇسىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە دۆلىتىمىزدىكى گېرمانىيە ئەلچىخانىسى خادىملىرىنىڭ سانىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە چەكلەش خاراكتېرلىق بىر قارارنى ماقۇللىدى» دېيىلدى.
بۇ قارارنىڭ 2023 – يىلى 5 – ئاپرېلدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغان گېرمانىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گون ۋون گېيرغا بىلدۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
باياناتتا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق نۇرغۇنلىغان دىپلوماتىيە خادىملىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى ئالغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «بىز بېرلىننىڭ دىپلوماتىك دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رۇسىيە-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پۈتكۈل قۇرۇلمىسىنى ۋەيران قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش خاراكتېرلىق بۇ قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېيىلدى.