ئاۋىستىرالىيە «كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جۇڭگو تەھدىتىگە قارشى» ھەربىي خىراجەت ئۈچۈن 12 مىليارد دوللار خەجلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئاۋىستىرالىيە «كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جۇڭگونىڭ تەھدىتىگە قارشى» يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇداپىئە تەكشۈرۈش دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلەرگە ئاساسەن 12 مىليارد دوللار ھەربىي خىراجەت سەرپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
110 بەتلىك دوكلاتتا جۇغراپىيىلىك ئايرىۋېتىشنىڭ ئەۋزەللىكى ئاۋىستىرالىيەنى ھازىر بار بولغان «باشقۇرۇلىدىغان بومبا» بىلەن قوغداشقا يەتمەيدۇ دەپ تەكىتلەندى.
ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ھەربىي ساھەدە ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ ئەتراپلىق ئۆزگىرىشلىرىنىئۆز ئىچىگە ئالغان دوكلات خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىۋاتقان پەيتتە تەييارلاندى.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: خىتاي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئەسكەر ۋە قورال-ياراغ توپلىدى.
ئاۋىستىرالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانىس بۇ ئىستراتېگىيىلىك قەدەملەرنىڭ ئاۋىستىرالىيەنىڭ كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز كەلگۈسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ساقلىمايمىز».