ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدىن ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرگە قارىغاندا ، خىتاي ئامېرىكىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە داۋاملىق ھەربىي بازا قۇرغان.
ئىگىلىنىشچە،2021-يىلى ئامېرىكا خىتاينىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ھەربىي بازا قۇرۇش پىلانىغا قارشى تۇرغاندىن كېيىن، بۇ جەريان توختىتىلغاندەك كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ ، ئەمما قۇرۇلۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
خىتاينىڭ ئەبۇزەبىدە ھەربىي بازا قۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججەتلەردە، بۇ بازىنىڭ 2023-يىل ئىچىدە ئوتتۇرا شەرق ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى پورت رايونلىرىدا دۇنياۋى ھەربىي ئەسلىھەلەر تورى قۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنماقتا.
بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە ، دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.