ئۇكرائىنا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى قوماندانى ئالېكساندىر سىرسكىينىڭ خەۋەر قىلىشىچە،ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى باخمۇتنىڭ بەزى جايلىرىدا رۇسلارغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان.
ئۇكرائىنا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى قوماندانلىق ئورگىنىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا ، سىرسكىي، 4-ئاينىڭ 30- كۈنى ئالدىنقى سەپىنى زىيارەت قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەسكەرلەرگە دۆلەت مېدالىنى تەقدىم قىلغان.
ئۇكرائىنا ئارمىيىسىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە روسلارنىڭ نۇرغۇن ھۇجۇمىنى قايتۇرغانلىقىنى بايان قىلغان سىرسكىي: «دۈشمەننىڭ بىزنىڭ ئورنىمىزنى ئىگىلىۋېلىش ئۇرۇنۇشى مەغلۇپ بولدى ، دۈشمەن زىيان تارتتى ، بىز 10 نەپەر دۈشمەن ئەسكىرىنى ئەسىر ئالدۇق» دېدى.
كۈچلۈك توقۇنۇشنىڭ باخمۇت يۆنىلىشىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان سىرسكىي ، رۇسلارنىڭ ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ مۇداپىئەسىنى ھەر خىل يۆنىلىشلەردىن بۆسۈپ ئۆتمەكچى بولغانلىقىنى ، ئەمما مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.