ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمى 90.21 پىرسەنت «ھەئە» بېلەت بىلەن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شېۋىت مىرامانوۋىچ مىرزىيويېف ئۈچۈن 2040-يىلغىچە ھاكىمىيەت تۇتۇش يولى ئېچىلدى.
يەكشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.
مەركىزى سايلام كومىتېتى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمىغا قاتنىشىش نىسبىتى % 84.54 دەپ خاتىرىلەندى.
كومىسسىيە باياناتىدا ، دەسلەپكى نەتىجىگە قارىغاندا ، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ 90.21 پىرسەنت بېلەت بىلەن قوبۇل قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شېۋىت مىرامانوۋىچ مىرزىيويېفنىڭ 2040-يىلغىچە داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەشكە يول ئاچتى.
مىرزىيويېف ھۆكۈمىتى بۇ ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق 35 مىليون نوپۇسى بار ئۆزبېكىستاندا «باشقۇرۇش ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى» ئوتتۇرىغا قويدى.