يەرلىك مەنبەلەر ھىندىستاننىڭ ئىشغال قىلىنغان كەشمىردە مىڭلىغان پۇقرالارنى قولغا ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئىشغال قىلىنغان جاممۇ كەشمىردە ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغىدى.
يەرلىك مەنبەلەرگە قارىغاندا ، ھىندىستان ئارمىيىسى كەشمىرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 4000 دىن 8000 گىچە كەشمىرلىكنى تۇتۇپ تۇرۇش نامىدا جازا لاگېرلىرىغا قامىغان .
ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ كەشمىرلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كېچىدە ھۇجۇم قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، يېقىندا «خەلق فاشىزمغا قارشى تۇرۇش فرونتى» تەرىپىدىن 5 ھىندىستان ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مىڭلىغان كەشمىرلىك قولغا ئېلىنغان.
ھىندىستان ھۆكۈمىتى يەنە ھۇجۇمدىن كېيىنلا كەشمىردە 5000 ئەتراپىدا ھىندىنى قوراللاندۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. كەشمىرلىك مۇسۇلمان كەنت ئاھالىلىرى ھىندىلارنى «قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرىگە ئايلاندۇرۇش» كەشمىردە داۋاملىشىۋاتقان باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ دەپ قارايدۇ.