ئاسىيائامېرىكاباشبەتتەۋسىيەخەلقئارا خەۋەرلەرياۋروپا

ش ئا ئە ت ئاسىياغا كېڭەيمەكتە

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ياپونىيىدە ئىشخانا ئېچىش ئارقىلىق ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلماقتا.

خەۋەر قىلىنىشىچە ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئاسىيادىكى يېقىن شېرىكلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياپونىيىدە ئىشخانا ئاچىدىكەن.

نىككىي ئاسىيا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئاۋىستىرالىيە ، كورېيە ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق ھىندى-تېنچ ئوكيان ئەتراپىدىكى يېقىن شېرىكلىرى بىلەن بولغان ماسلىشىشنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياپونىيىدە ئالاقىلىشىش ئىشخانىسى ئېچىشنى پىلانلىغان.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياپونىيە ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، كېلەر يىلى توكيودا ئېچىشنى پىلانلىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىلىشىش ئىشخانىسى ئارقىلىق ئاسىيادىكى شېرىكلىرى بىلەن تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىدىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ياپونىيە خىتاي، چاۋشىيەن تەھدىتى قارشى ۋە يېڭى تېخنىكا جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ياپونىيىدە ئىشخانا ئاچىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەردىن كېيىن ، خىتاينىڭ بۇ ئەھۋالغا قارشى تۇرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

خىتاي ئىلگىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى مەۋجۇتلۇقىنى ئاشۇرماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button