2.2K
روسىيە، ئۇكرائىنانىڭ ۋىلادىمىر پۇتىننى قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
روسىيە ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئورگانلىرىغا خەۋەر قىلىپ مۇنداق دېدى: پرېزىدېنت ئوردىسى كرېمىل سارىيى ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
روسىيە ھۆكۈمىتى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ مەقسىتى روسىيە رەھبىرى ۋىلادىمىر پۇتىننى ئۆلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى ۋە پۇتىننىڭ ھۇجۇمدىن ساق-سالامەت قېچىپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان.
ئوكرائىنا تەرەپ بۇ ئەيىپلەشلەرنى رەت قىلدى.