ياپونىيە ۋەتەنپەرۋەر (PAC-3) باشقۇرۇلىدىغان بومىبسىنى دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تەيۋەن بوغۇزىغا يېقىن مىياكو ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇردى.
ئىچكى كابىنېتنىڭ باش كاتىپى ماتسونو خىروكازۇ، ياپونىيە ھاۋا مۇداپىئە ئارمىيىسى (ASDF) نىڭ ئوكىناۋا ئارىلىغا قارايدىغان مىياكو ئارىلىغا ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.
ماتسونو ئورۇنلاشتۇرۇلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ۋە چاۋشيەننىڭ يىراق مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىغا قارشى قويۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.
دۆلەت مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، PAC-3 باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭمۇ ئوخشاش رايوندىكى ئىشىگاكى ۋە يوناگۇنى ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
غەربىي جەنۇبىدىكى ئوكىناۋانىڭ مىياكو ، يوناگۇنى ۋە ئىشىگاكى ئارىلى ياپونىيەنىڭ تەيۋەن بوغۇزىغا ئەڭ يېقىن رايونى ھېساپلىنىدۇ.