ئوتتۇرا شەرق ، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارماق كومىتىتىنىڭ رەئىسى ئامېرىكا ۋەكىلى جوۋ ۋىلسون باياناتىدا «قاتىل ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىسى بەششار ئەسەد بىلەن نورماللىشىشنى تاللىغان دۆلەتلەر خاتا يولدا ماڭماقتا» دېدى.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن باشلىغان نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىگە ئىنكاس قايتۇردى.
«ياۋرو گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، نۇرغۇنلىغان دېموكراتىك ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى سۇنغان يېڭى قانۇن لايىھىسى «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بەششار ئەسەدنى سۈرىيەنىڭ پرېزىدېنتى دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى چەكلەش ۋە ۋاشىنگىتوننىڭ جازا يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان».
رېيتېر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم دوكلات قىلىنغان بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى شۇكى ، بەششار ئەسەد بىلەن نورماللىشىشنى مەقسەت قىلغان باشقا دۆلەتلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.