ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتى بولسا بەششار ئەسەدنى 300،000 دىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ئۆلۈمى ۋە مىليونلىغان مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالىدا ئەيىبلەپ كەلمەكتە.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 30-نويابىر دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت كېلىمات ئۆزگىرىش يىغىنى (COP28) غا سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئەسەدنى تەكلىپ قىلدى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دەمەشىقتىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلەنگەن ئۇچۇردا ، ئەسەدنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پرېزىدېنتى مۇھەممەد بىن زەيىد ئەل نەھيان تەرىپىدىن COP28 غا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان.
سۈرىيە دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى SANA مۇ بۇ يازمىنى دەلىللىدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ئەگەر بەششار ئەسەد بۇ يىغىنغا قاتناشسا ، بۇ ئۇنىڭ 2011-يىلى ئۆز دۆلىتىدە باشلانغان ئىچكى ئۇرۇشتىن بۇيانقى تۇنجى دۇنياۋى باشلىقلار يىغىنى بولۇپ قالىدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن ، ئۇ بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق جازا يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن دىپلوماتىك جىددىيلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.