باشبەتخەلقئارا خەۋەرلەرياۋروپا

2022-يىلى ئەنگىلىيە قورال-ياراق سېتىش رېكورتى ياراتتى

ئەنگلىيەنىڭ قورال-ياراغ سېتىش مىقدارى ئالدىنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا رېكورت ياراتتى.

ئەنگىلىيەنىڭ قورال ئېكسپورتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن بىر قاتلىنىپ ، 2022-يىلى 8 مىليارد 500 مىليون فوندستېرلىڭغا يەتتى.

«مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئەنگىلىيەنىڭ قورال ئېكسپورتى 8 مىليارد 500 مىليون فوندستېرلىڭ دەپ خاتىرىلەنگەن. قورال ئېكسپورت سانلىق مەلۇماتلىرى 2021-يىلى 4 مىليارد 100 مىليون فوندستېرلىڭ دەپ ئېلان قىلىنغان.

دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى ئەنگىلىيەدىن قورال سېتىۋېلىشتا باشلامچى بولدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، قاتار 2 مىليارد 700 مىليون فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى قورال-ياراغ سېتىۋالغان بولۇپ، 2022-يىلى 2 مىليارد 400 مىليون دوللار مەبلەغ بىلەن كۈرەشچى ئايروپىلانىنى سېتىۋالغان.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئۆتكەن يىلى ئەنگىلىيەدىن 1 مىليارد 100 مىليون دوللارلىق قورال سېتىۋالغان. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلگىرى يەمەندىكى پۇقرالارنى ئەنگىلىيەدىن سېتىۋالغان قوراللار بىلەن ئۆلتۈرگەن دەپ ئەيىبلەنگەن.

مۇناسمۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button