پېنتاگون باياناتچىسى بىرىگادا كوماندىرى پاترىك رايدېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، 4- ئايدا چاقىرىلغان ئۇكرائىنا مۇداپىئە ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسى يىغىنىدىن كېيىن، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىنغا ئۇكرائىنالىق ئۇچقۇچىلارنى F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىش بويىچە تەربىيەلەش ئۈچۈن ئىجازەت بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇ (لويد ئوستىن)مۇ بۇ مەسىلىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇكرائىنانىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇداپىئە ئېھتىياجىنى تۇتقا قىلغان ھالدا بۇ تەلەپنى قانداق قوللايدىغانلىقىمىزنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ سىياسەت مۇساپىسىگە ئېلىپ كىردى» دېدى.
بۇ تەلەپنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە بىردەك قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن رايدېر، يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى، ئوستىننىڭ بۇ مەسىلىنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىنغا يەتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ ئۆزلىرىنىڭ مەشىق جەريانىنىڭ تەپسىلاتلىرى ئۈستىدە خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى، بۇنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ياكى ئايلاردا باشلىنىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
بىرىگادا كوماندىرى پاترىك رايدېر «مەشىقنى تاماملاپ، ئايروپىلانلارنى ئۇكرائىناغا تاپشۇرۇپ بېرىشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنىڭ بار – يوقلۇقى» توغرىسىدىكى بىر سوئالغا: «ئۇكرائىنانى F-16 مەشىقى ۋە ئايروپىلانلار بىلەن تەمىنلەش ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ۋەدە بولۇپ، مۆلچەرلىنىۋاتقان قايتۇرما ھۇجۇم بىلەن ئۇنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق» دەپ جاۋاب بەردى.