2.9K
روسىيە باش مىنىستىرى مىخايىل مىشۇستىن، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتىنى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمىغا باغلىدى.
روسىيە باش مىنىستىرى مىخايىل مىشۇستىن مۇنداق دېدى: غەربنىڭ بېسىمى دۆلىتىمىز بىلەن خىتاي بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىۋەتتى.
مىخايىل مىشۇستىن خىتاي زىيارىتى جەريانىدا مەنسەپدىشى لى چياڭ بىلەن كۆرۈشتى.
سۆھبەت ۋە باياناتىدا روسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلغانلىقىنى تىلغا ئالماي كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان مىشۇستىن 15 ئاي داۋاملاشقان توقۇنۇشنىڭ ئورنىغا نۇتۇقلىرىدا خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى.
مىشۇستىننىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، روسىيەنىڭ بۇ يىل خىتاي بىلەن بولغان سودا مىقدارى 200 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن.