خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، چىڭ گاڭ پايتەخت بېيجىڭدا ئېلون ماسك بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، خىتاينىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ دائىرىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان شىركەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مىنىستىر چىڭ گاڭ خىتاينىڭ زامانىۋىلىشىشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات كۈچى يارىتىپ، دۇنياغا يېڭى پۇرسەت سۇنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
چىڭ گاڭ ئېلون ماسكنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئېلېكترونلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچى <تېسلا> شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق شىركەتلەرنى بازار قائىدە – قانۇنلىرى ئاساسىدا تېخىمۇ ياخشى خەلقئارالىق سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
چىڭ گاڭ خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى ئاپتوموبىل ھەيدەشكە ئوخشىتىپ، «ساغلام، مۇقىم ۋە ئىجابىي مۇناسىۋەتلەر ئۈچۈن رولنى چوقۇم توغرا يۆنىلىشكە بۇراش ھەمدە تورمۇزنى ۋاقتىدا بېسىش ئارقىلىق ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك» دېدى.
ئېلون ماسكمۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ «سىئام قوشكېزەكلىرىگە ئوخشاش» بىر بىرىگە چېتىشلىق ۋە بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان ھالەتتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۈزۈپ تاشلىنىشىغا، زەنجىرلەرنىڭ كېسىلىشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
<تېسلا> نىڭ خىتايغا سالدىىغان مەبلىغىنى كېڭەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئېلون ماسك، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تېخىمۇ كۆپ ئۈلۈشنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
<تېسلا> شىركىتى شاڭخەيدە يىلىغا 1 مىليون ېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرالايدىغان «گىگا زاۋۇتى» نى 450 مىڭ قوشۇمچە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرالايدىغان سەۋىيەدە كېڭەيتىشنى نىشان قىلماقتا ۋە شاڭخەيدە «Megapack» دەپ ئسىم قويۇلغان ئېنېرگىيە زاپاسلاش ئۈسكىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن چوڭ تىپتا بىر ۋاۋۇت قۇرۇشنى پىلانلىماقتا.