ئاسىياباشبەتخەلقئارا خەۋەرلەرياۋروپا

روسىيە: ئەگەر ئۇكرائىنا ناتوغا ئەزا بولسا، ئۇزۇن يىللىق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ

كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۇكرائىنا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قوبۇل قىلىنسا ، ئۇزۇن يىل داۋاملىشىدىغان مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ.

ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودومىر زېلېنسكىي ئۆز دۆلىتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قوشۇلۇشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. روسىيە بولسا ، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنىڭ ئۇزۇن يىللار داۋام قىلىدىغان مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنسكىي يېقىندا ئۆز دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ بۇ بايانلار ھەققىدە سورالغاندا ، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشىنىڭ ئۇزۇن يىللار داۋام قىلىدىغان مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«بەختكە قارشى ، مەن شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمەن. بۇ پوزىتسىيە كىيېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈستەلدە قانچىلىك تەييارلىقسىز ۋە ئىقتىدارسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە ، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى ئۇزۇن يىل داۋاملىشىدىغان مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياۋروپا بىرلەشمىسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇنى بىلىدۇ. »

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button