بەششار ئەسەدنىڭ ۋەكىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەرەب ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى شەرقىي تۈركىستانغا قىلغان سەپىرىدىن كېيىن ، خىتاي دائىرىلىرىگە «ئېرىقى قىرغىنچىلىق ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي زۇلۇم ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى پۈتۈنلەي يالغان» دېگەن ئۇچۇرنى يەتكۈزدى.
ئەرەب ئىتتىپاقىدىن كەلگەن بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىنى تاماملىدى.
خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 5-ئىيۇن ئەرەب بىرلەشمىسى ئىچىدىكى 16 دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەمەلدارلارنىڭ 30-مايدىن 2-ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
باياناتچىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، ئەرەب بىرلەشمىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇرۇمچى ۋە قەشقەر شەھەرلىرىدىكى مەسچىتلەرنى ، ئىسلام ئىنستىتۇتلىرىنى ، يەرلىك خەلىقلەرنى، يېزا-بازارلارنى زىيارەت قىلغان ۋە «تېرورلۇق ۋە رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» تېمىسىدىكى كۆرگەزمىلەرنى تەكشۈرگەن.
ئەرەب ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى نەتىجىسىدە « جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ، بولۇپمۇ رايوندىكى پەۋقۇلئاددە نامراتلىقنى تۈگىتىش ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ماختىدى»