ئۇكرائىنا خېرسون رايونلۇق ھەربىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى ئالېكساندىر پروكۇدىن، كاخوۋكا توسمىسى ۋە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا قىلىنغان ھۇجۇملار كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈننىڭ بېسىمىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
پروكۇدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا كاخوۋكا توسمىسىنىڭ پارتلىتىلىشىدىن كېيىن ھاسىل بولغان كەلكۈن ئاپىتى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.
تۈنۈگۈن (6-ئىيۇن) كەچتە رايوندا پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەرنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن پروكۇدىن: «كەلكۈننىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى تۆۋەنلەۋاتىدۇ، ئەمما توسما ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقتىن، سۇنىڭ ئېقىشى داۋاملاشماقتا. مۆلچەرىمىزچە، 20 سائەت ئىچىدە سۇ سەۋىيەسى يەنە بىر مېتىر ئۆرلەيدۇ» دېدى.
پروكۇدىن بۈگۈن (7-ئىيۇن) ئەتىگەندىن باشلاپ خېرسون رايونىدىكى دنېپېر دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى 1852 ئۆينىڭ سۇ ئاستىدا قالغانلىقىنى، رايوندىكى 1457 كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، 40 مىڭ ئادەمنىڭ رايوندىن تارقاقلاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
خېرسون رايونىنى بېسىپ ئۆتىدىغان دنىيپېر دەرياسىنىڭ بىر تەرىپى رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، رۇسىيە كونتروللۇقىدىكى نوۋايا كاخوۋكا شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋىلادىمىر لېئونتيېۋ يەرلىك تاراتقۇلارغا بايانات بېرىپ، شەھەردىكى سۇ سەۋىيەسىنىڭ ئاستا-ئاستا تۆۋەنلەشكە باشلىغانلىقىنى ۋە ۋەزىيەتنىڭ كونترول ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.