شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا مانېۋىرىنى 12-ئىيۇندىن 23-ئىيۇنغىچە ئۆتكۈزىدۇ. مانېۋىرغا گېرمانىيە ، چېخ ۋە گوللاندىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئىشلىتىلىدۇ ، 25 دۆلەت ۋە 250 ئايروپىلان، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر قاتنىشىدۇ.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا مانېۋىرى «مۇداپىئەچى 2023» دەپ ئاتىدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 25 دۆلەت ۋە تەخمىنەن 250 ئۇرۇش ئايروپىلانى ، 10 مىڭ ئەسكىرى قاتنىشىدىغان مانېۋىر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ ، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ، لېيتېنانت مايكىل لوخ مانېۋىرنىڭ پۇقرالارنىڭ ھاۋا قاتنىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى “ئەڭ كىچىك” بولىدۇ دېدى.
گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسى (Luftwaffe) قوماندانى گېنېرال لېيتېنانت گېنېرال ئىنگو گېرخارتىز تەخمىنەن 2000 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ پىلانلانغانلىقىنى ، بۇنىڭ ئاساسلىقى شىمالىي ۋە بالتىق دېڭىزى لىنىيىسىدە ئىكەنلىكىنى ، ئەڭ ناچار ئەھۋالدا ، پۇقرالاردا پەقەت بىر نەچچە مىنۇت كېچىكىش بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
گېرخارتز سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ، «بىخەتەرلىك بەدەل تۆلەش بىلەن بولىدۇ» دەپ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىز دۆلىتىمىزنى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسەتمەكچى بولساق ، بۇ ئوڭۇشسىزلىقلارنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك».