رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.
يېقىنقى كۈنلەردە ئۇكرائىنا ئارمىيەسى سېپىدىكى تالاپەتنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن پۇتىن، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «شۇنى ئېنىق ئېيتالايمىزكى، ئۇكرائىنانىڭ ھۇجۇمى باشلاندى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك زاپاسلارنىڭ ئىشلىتىلىشى بۇنى ئىسپاتلايدۇ» دېدى.
ئۇ ئۇكرائىنانىڭ ھۇجۇملار ئارقىلىق نىشانىغا يېتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تالاپەتلەرگە ئۇچرىغان بولۇشىغا قارىماي، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ يەنىلا ھۇجۇم قىلىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پۇتىن بۇ تالاپەتلەرنىڭ بىر پاجىئە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «بۇ پاجىئە يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇنىڭ جاۋابكارى ھازىرقى ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى» دېدى.
پۇتىن رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ھەققىدە توختىلىپ: «بىزدىكى زامانىۋى قوراللار يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس، ئەمما دۆلەتنىڭ سانائىتى، مۇداپىئە ۋە ھەربىي سانائىتى تېز تەرەققىي قىلماقتا. ئىشىنىمەنكى، مۇداپىئە سانائىتى ئالدىدىكى بارلىق ۋەزىپىلەرنى چوقۇم ئورۇندايدۇ. زامانىۋى قوراللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.