4.4K
ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى رامكىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك كېڭىشى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلدى.
ئۇ 11-12-ئىيۇل لىتۋانىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ تەييارلىقلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئۇ ياۋروپا مۇداپىئە پىلانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، مۇداپىئە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئېشىۋاتقان تەلەپلەرنى قاندۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ۋە تېخىمۇ ئۇلۇغۋار مۇداپىئە مەبلەغ سېلىش ۋەدىسىنى بېرىدىغانلىقلىرىنى، بۇ رامكىدا دۆلەت مۇداپىئەسىگە كەم دېگەندە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2 نى ئاجرىتىدىغان چۈشەنچە ھاسىل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.