سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىش ئۈچۈن قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلگەن 20-نۆۋەتلىك سۆھبەت بۈگۈن باشلاندى.
قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا 20-قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت بۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى 07.00 دە باشلاندى.
مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇراق ئاكچاپار باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىندا تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. روسىيە تەرەپكە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىخايىل بوگدانوف باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى ، ئىران تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سىياسى ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئەلى ئەسقەر ھاجى ۋەكىللىك قىلىدۇ.
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەيمېن سۇسان ، ئۆكتىچىلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ رەئىسى ئەھمەد تۇما قاتنىشىدۇ.
سۆھبەتكە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن باشقا ، ئىراق ، لىۋان ۋە ئىئوردانىيەدىن كەلگەن كۈزەتكۈچىلەرمۇ قاتنىشىۋاتىدۇ. سۆھبەتنىڭ ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
يىغىن جەريانىدا يەنە تۆت تەرەپلىك كېڭىشىش يىغىنى ئېچىلىپ ، تۈركىيە بىلەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشىنىڭ يول خەرىتىسى بېكىتىلىدۇ.