روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋاگنېر قىسىملىرىنىڭ ھەربىي قوزغىلىڭى توغرىسىدا تۇنجى باياناتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پۇتىن ۋاگنېر رەھبىرى يېۋگېنىي پرىگوجىننى «ئالدامچى، جىنايەتچى» دەپ تەسۋىرلەپ ، ئۇنى نىشانلىدى. پۇتىن روسىيەنىڭ خىيانەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ «روسىيە ئۆزىنى قوغدايدۇ ۋە قوزغىلاڭنى باستۇرىدۇ» دېدى.
پۇتىن بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مەسىلە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە روسىيەنى ئاجىزلاشتۇرغانلىقىنى كۆرسەتتى.
پۇتىن روستوۋنىڭ ۋاگنېرنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ ، تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ناھايىتى مۈشكۈللىكىنى تەكىتلىدى ۋە ۋاگنېر ئەزالىرىنى «بۇ جىنايى قىلمىشقا قاتناشماسلىق» قا چاقىردى.
پۇتىن بۇ تەشەببۇسقا قاتناشقانلارنىڭ جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ۋە روسىيە ئارمىيىسىگە زۆرۈر بۇيرۇقلارنىڭ بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
پۇتىننىڭ باياناتىدىن كېيىن بۇ ساھەدىكى جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەنبە: مېپا خەۋەرلىرى