پولشا باش مىنىستىرى ماتېئۇس موراۋىيكى جۈمە كۈنى مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا ، روسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا ئۆز دۆلىتىگە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قوراللارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى.
روسىيەنىڭ بېلورۇسىيەگە يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىغا قارىتا ، پولشا ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللىرىنى دۆلەتىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېيىن ياۋروپادا جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ، تەھدىد ھېس قىلغان دۆلەتلەر داۋاملىق بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە ، فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلدى ، پولشا يادرو قورالى تەلەپ قىلدى.
روسىيەنىڭ بېلورۇسىيەگە تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇدىغانلىقىنى ۋە بۇ دائىرىدە خىزمەتنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ، ۋارشاۋا ھۆكۈمىتى ھەرىكەتكە ئۆتتى.
پولشا باش مىنىستىرى ماتېئۇس موراۋىيكى جۈمە كۈنى مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا ، روسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا ئۆز دۆلىتىگە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قوراللارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى.