ئاسىيائوتتۇر شەرىقباشبەتتەۋسىيەخەلقئارا خەۋەرلەرياۋروپا

ئىران شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تولۇق ئەزاسىغا ئايلاندى

ئىراننىڭ 7-ئاينىڭ بېشىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تولۇق ئەزاسىغا ئايلىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېرگېي لاۋروف ئىراننىڭ 4-ئىيۇل رەسمىي ھالدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

سپۇتنىكنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف پايتەخت موسكۋادا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش ئورگىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ئىراننىڭ (شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا) تولۇق ئەزا بولۇشى تەستىقلىنىدۇ 7-ئاينىڭ 4-كۈنى دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئېلىپ بېرىلىدۇ ».

بۇ تەشكىلات 1996-يىلى تۇنجى قېتىم خىتاي، روسىيە ، قازاقىستان ، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن شاڭخەي بەش دەپ قۇرۇلغان ، كېيىن ھەر خىل يوللار بىلەن كېڭەيگەن.

ئىران يېقىندا بۇ تەشكىلاتقا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشقان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button