جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتى (South China Morning Post) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باياناتچىلىرىدىن نەبىلا ماسرالى، خىتاي تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ «10 – ئىيۇل كۈنى ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، شۇڭا باشقا ۋاقىتنىڭ تاللىنىشى لازىملىقى» نى ئۇقتۇرغانلىقىنى ئېيتقان.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جورج تولېدو يەكشەنبە كۈنى (2-ئىيۇل) ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭ 10-ئىيۇل كۈنى بېيجىڭدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
تولېدو بوررېلنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە سودا قاتارلىق ھەر خىل مەسىلىلەر بويىچە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ ھەمدە باشقا مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېل «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئۈچۈن، 13-15-ئاپرېل كۈنى خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتىنى كېچىكتۈرگەنىدى.