ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي س ن ن (CNN) تېلېۋېزىيەسىگە بەرگەن باياناتىدا، ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبى ۋە شەرقىدىكى زېمىنلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ئەڭ يېڭى نىشانىنىڭ 2014-يىلى رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان «قىرىمنى ئازاد قىلىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
زېلېنسكىي كىيېۋنىڭ دىققىتىنى ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبى ۋە شەرقىدىكى زېمىنلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا مەركەزلەشكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز قىرىمسىز ئۇكرائىنانى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. قىرىم رۇسىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىلا بولىدىكەن، بۇنىڭ <ئۇرۇش تېخى ئاخىرلاشمىدى> دېگەن بىرلا مەنىسى بولىدۇ» دېدى.
زېلېنسكىي قىرىم بولماي تۇرۇپمۇ تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ھەر قانداق بىر سېنارىيەنىڭ مۇمكىن ياكى ئەمەسلىكىگە دائىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «ئۇ چاغدا غەلىبە بولمايدۇ» دېدى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى يەنە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئالدىنقى ئايدا ۋاگنېر ئىسيانىغا قايتۇرغان ئىنكاسىنىڭ «ئاجىز» بولغانلىقىنى ۋە ئۆز خەلقىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويۇش ئالدىدا تۇرغانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.
رۇسىيە 2014-يىلى ئۇكرائىنا بىلەن كېلىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان بولۇپ، قىرىمنىڭ رۇسىيە زېمىنىغا كىرگۈزۈلۈشى ئۈچۈن ۋەزىپە ئىجرا قىلغان ۋاگنېر، بۇ قەدەملىرى ئارقىلىق نامىنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتقان ئىدى.