5.7K
ئامېرىكا ئارمىيىسى روسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرىيىدىكى «شام ئىسلام دۆلىتى» گە قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا پاراكەندىچىلىك سالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھاۋا ھەرىكىتىگە مەسئۇل گېنېرال لېيتېنانت ئالېكس گرېنكېۋىچ، چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە روسىيە ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىدىكى ئايروپىلانىغا قارىتا «بىخەتەر ۋە كەسپىي بولمىغان ھەرىكەت» بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئېيتتى.
SU-35 تىپلىق روسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى ئامېرىكىنىڭ MQ-9 قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا پاراكەندىچىلىك سالغان بولۇپ، جاسۇس ئايروپىلانىنىڭ ئالدىغا ئىسسقلىق بومبىسى تاشلانغانلىقىنى بايان قىلدى. روسىيەنىڭ بۇ ھەركىتىدىن كېيىن ، ئامېرىكا «قېچىش مانېۋىرى» قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى كۆرسىتىلدى.