رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ، بۇ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن «Rossiya 24» تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇكرائىناغا بېرىلگەن يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ قىسمەن زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ئەمما توقۇنۇش رايونلىرىدا ھالقىلىق ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ چەت ئەل تانكىلىرى ۋە پىيادە ئەسكەرلەر ئۇرۇش ئەسلىھەلىرى ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە. 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن تۈنۈگۈن كەچكىچە بولغان ئارىلىقتا 311 تانكىنى پاچاقلاپ تاشلىدۇق، مېنىڭچە <يىلپىز> تانكىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى، كەم دېگەندە ئۈچتىن بىرى غەربتە ياسالغان.»
پۇتىن يېڭى قورال-ياراغلارنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ۋە توقۇنۇشنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئىشىنىمەنكى، ناتوغا ئەزا بولۇشى ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالمايدۇ، ئەكسىچە دۇنيانى ئاساسىي جەھەتتىن تېخىمۇ مۇداپىئەسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتتە بىھۇدە جىددىيچىلىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.»
پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەمما، بۇنىڭ بىر ئالدىنقى شەرتى بار. ئۇ بولسىمۇ بىر دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك.»
ئۇ ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى ئېكسپورت قىلىش مەقسىتىدە ئىمزالانغان ئاشلىق كېلىشىمىدىكى شەرتلەرنىڭ ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەممە تەرەپ بىزگە بەرگەن بارلىق ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى تەكرارلاشنىڭ ئورنىغا ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. ئۇ چاغدا بىزمۇ بۇ كېلىشىمنى دەرھال قوبۇل قىلىمىز. ئالدى بىلەن كېلىشىمنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش، ئاندىن ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلىشنى تاللاش، ئەمدى رۇسىيەگە ماس كەلمەيدۇ.»
پۇتىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيەگە ئەۋەتكەن خېتىنى تېخى كۆرمىگەنلىكىنى، كېلىشىمنىڭ مۇددىتىنىڭ توشۇشىغا يەنە بىر قانچە كۈن بارلىقىنى، بۇ جەرياندا نېمە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئويلىشىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.