ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىلىرىنى F-16 مەشىقى قىلدۇرۇشتا تېز ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما ئېنىق ۋاقىت بەرمىدى.
سۇللىۋان كولورادو ئىشاتىدا داۋاملىشىۋاتقان بىخەتەرلىك مۇنبىرىدە ئۇكرائىنانىڭ F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشى ۋە بۇ دائىرىدە ئېھتىياجلىق بولغان ئىقتىدارلارنى قولغا كەلتۈرىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ ھەقتە ئىمكانقەدەر تېز ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان سۇللىۋان، ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنىڭمۇ ھەل قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
سۇللىۋان ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىلىرىنى تەربىيىلەشنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ھەپتە ۋە ئايلار ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
سۇللىۋان قۇرۇقلۇقتىن قۇرۇقلۇققا ئېتىلىدىغان <ATACMS > باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينىڭ بۇ ھەقتە مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
سۇللىۋان ئۇكرائىناغا <ATACMS> باشقۇرۇلىدىغان بومبا بېرىش قارارىنىڭ پىرېزىدېنت بايدىندا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.