پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى شۇنداقلا قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ئاسىم مۇنىر ئامېرىكا مەركىزى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) نىڭ قوماندانى گېنېرال مايكىل ئېرىك كۇرىلا بىلەن رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرىلەشتى.
پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، گېنېرال مۇنىر پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابىدا ئامېرىكا مەركىزى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) نىڭ قوماندانى گېنېرال مايكىل ئېرىك كۇرىلا بىلەن كۆرۈشكەن.
ئۇچرىشىشتا ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇداپىئە ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.
ھەر ئىككى تەرەپ پاكىستان بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارزۇسىنى قايتا تەكىتلىگەن.
كۇرىلا پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ تېرورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى مۇۋەپپەقىيىتى ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى شۇنداقلا مۇقىملىقى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىش پاكىستاندا تېرورلۇق ھۇجۇملىرى كۆچەيگەن بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتنى تارتماقتا.
پاكىستاندا بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 6 ئېيىدا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇملىرى 2022-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %79 ئاشتى.
پاكىستان بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئافغانىستاننى بازا قىلغان پاكىستان تالىبانلىرى (TTP) تەرىپىدىن پىلانلانغانلىقى ۋە يېتەكلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئافغانىستان دائىرلىرى بولسا، بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.