![](http://taklimakan.biz/wp-content/uploads/2023/07/soygu-reu-2071688-1024x576.jpg)
روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن چاۋشيەننى رەسمىي زىيارەت قىلماقچى،
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا ، شويگۇ باشچىلىقىدىكى روسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ دۆلەتنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ۋە 1950-1953-يىللىرىدىكى چاۋشيەن خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ زىيارەت رۇسىيە-چاۋشيەننىڭ ھەربىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق ھەمدە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم قەدەم بولۇپ قالىدۇ». دېگەن ئىپادىلەش قوللىنىلدى.