ۋاڭ يىنىڭ ئەنقەرە زىيارىتىدىن كېيىن بېيجىڭ تەرەپنىڭ باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق تەلەپ قىلىندى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە مەنسەپدىشى خاقان فىدان بىلەن ئەنقەرەدە كۆرۈشكەندىن كېيىن يازغان يازما باياناتىدا ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت جەھەتتە مۇھىم ئۇچۇرلار بېرىلگەن.
خىتاينىڭ رەسمىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى بولغان شىنخۇادا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا ، خىتاينىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، ئىستراتېگىيىلىك ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «خىتاي بىلەن تۈركىيە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ۋە مۇھىم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئورتاق مەنپەئەت ۋە كەڭ ساھەدە غايەت زور ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. خىتاي تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت شارائىتى ، مىللىي مۇستەقىللىقى ، ئىگىلىك ھوقۇقى ، قانۇنلۇق ھوقۇقىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تېپىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ھەمدە مەنپەئەتنى كاپالەتلەندۈرىدۇ